|
- Number 3.Telep Xeti 歌詞
- Double X Number
- 作曲:entirnt
作詞:Rakam 縮混:Oghuzyar V1 ئاڭلىغىن ھەي قىز تۇرمۇشۇڭغا كىرسەم بۇلامدۇ قەلىب بېغىڭدىكى غۇنچىنى ئىشەنچ بىلەن ئۈزسەم بۇلامدۇ بىلىمەن،ئاشۇ جاۋابلار مەن ئۈچۈن نامەلۇم بىراق نازىڭ بىلەن قوشۇلىشىڭ رىئاللىقتىن بەكلا يىراق بۇلارنى كۆڭلۈم سېزىپ تۇرىدۇ ئۈمۈدۈمنى ئۈزمەيمە تۇرمۇشۇمدىن كەتسەڭ زادى قانداق كۈلەلەيمە ئىشەنمەيتىم مۇھەببەتكە سېنى سۆيۈپ مەن ئىشەندىم ساداقەتنىڭ نىمىلىكىنى ئاي چېھرىڭدىن چۈشەندىم پەرىشتەم دېسەم يول قۇيامسەن ئۇماق يۈزۈڭنى كۆرگەندە ئاشىق يۈرگۈم يايراپ كىتىدۇ سەن ماڭا قاراپ كۈلگەندە قولۇڭنى بەرگىن بۇھاياتتا ئىشەنچىمنى بېغىشلاي گۈلىستاندىكى دەرەخ بولساڭ يۇپۇرماغىڭ مەن بولاي كۈلۈپ قايرىلىپ بىر قارىساڭ بۇ ياشلىقىم ساڭا تەسلىم خۇش پۇراقلار تارايدۇ سەندىن كەلدى مانا باھار پەسلىم ئەسكى بولۇپ ئاتالسام مۇھەببىتىم ئۆزگەرمەيدۇ ۋەدە بېرەي بىر جۈپلەرگە بىۋاپا دەپ سۆز كەلمەيدۇ HOOK جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز V2 ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەسلىمىلەر كۆپ ئەمەس لىكىن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم پەقەت ئاددى رەپ ئەمەس بىلسەڭ مەندىكى چىن مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋەدەلەر گۇۋاھ مەيلى جاپا ھالاۋەت مەن يېنىڭدا بولىمەن ھەمراھ بۇ ھايات قىسقا بىر سەپەر يىغا بىلەن كۈلكىگە تولغان ئازاپلارغا تىز پۈكمەس مەندە ساپ بىر يۈرەك بولغان بىر ۋاقىتتا سەنمۇ مەندىن خاپا بولۇپ قىيدىغانسەن دىمىسەممۇ سۆيىدىغىنىمنى سۆزلىرىمدىن بىلدىغانسەن ئاق كۆڭۈللۈك سەبىيلىك بۇجىسمىڭغا مۇجەسسەم ئۈمۈدۈم شۇ جۈپتۈڭ بولۇپ خوشال قىلىپ كۈلدۈرسەم مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان ئاشۇ خۇمار كۆزلۈرۈڭ سوراپ باقاي خوشال بولامسەن مەن بولمىغان كۈنلۈرۈڭ تۇرمۇش سېنى تاشلىۋەتسە ھەرگىز قورقۇپ كەتمىگىن ھاياتىڭدىكى نۇرلۇق يولدىن شۇ بەختىڭنى ئىزدېگىن گەرچە تۇرمۇش قىينىسىمۇ بوشاشمىغىن توختڭما ناۋادا مېنى رەت قىلساڭمۇ ھەرگىز مېنى ئۇنتۇما جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با
|
|
|