|
- Haksar 語音備忘錄024 歌詞
- MESHEL Haksar
- تېكست كىرگۈزگۈچى
ئابدۇسالام (باشقۇت)
قۇياشتەك ياشايمەن ھاياتىمدا گەرچە ھازىر يۇلتۇزچىلىك چاقناپ بولالمىساممۇ باشقىلار قىلغان چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ باشقىلار ياختۇرىدىغان ئادەم بولالمىساممۇ
ئۆزۈم چوڭ بىلەن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈم چوڭ بىلگەن كىشىلەرگە كۈلۈپ دەردىم ئۆزۈم بىلىپ ھېرىپ كەتسەم ئارام ئېلىپ
ئۆزۈم ياختۇرىدىغان ئادەم بولسام ئۆزۈم ياختۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن بولسام
ياختۇرىمەن ئەركىن تۇرمۇش، ئەركىن ھاياتنى بولسا ئارتۇق بەرسە قاناتنى ئۇچۇپ باقسام
يۇلتۇزلار بىلەن مۆكۈشمەك ئويناپ ئۇلارنى تۇتۇپ باقسام ئۇخلايدىغاندا ئاينى قۇچاقلاپ ياتسام
ھېچكىم مېنى ھېچنىمە دېمسە ھېچكىم ئىشىمغا ئارلاشمىسا نېمە چاتىقى قىلغان ئىشىم قاملاشمىسا
يا مېنىڭ داداممىتى يا مېنىڭ ئاپاممىتى ئادەم جىق بۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشاش ئاسانمىتى
مەن ئېقىۋاتقان سۇلاردەك ئالدىمغىلا ئاقىمەن نېمە دېسەڭلا مەيلى مەن پەقەت ئۆزۈمگىلا ياقىمەن ھاياتنىڭ ئاچچىق تالىقىنى ئۆزۈمنىڭ چىشىدا چاقىمەن تەن سالامەت بولسا ئاپامنى ئاپام مېنى باققانداق باقىمەن
كەلمەيدىغان ئادەمنى، ساقلىغۇم يوق مېنىڭ توغرا ياكى خاتا بولسۇن ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلىغۇم يوق مېنى مۇشۇنداق ياشغىلى قوي، قايتا ئاتىلىغۇم يوق تاماكامنى ئىزدەپ تاپتىم (0_0) چاقمىقىم يوق
|
|
|